ئېلخەت ئىشلەتكۈچى نامى: مەخپىي نومۇرى:
خەۋەر مەركىزى

تەڭرىتاغدىن ھالقىغان مېھىر-مۇھەببەت



بىر تامچە سۇ تاما – تاما كۆل بولۇپ، دەريا – دېڭىزلارنى ھاسىل قىلىپ، گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈرەلەيدۇ.
بىر تامچە سۇنىڭ كۈچىنى تىلغا ئالغۇچىلىكى بولمىسىمۇ، لېكىن تاما – تاما كۆل ھاسىل قىلىپ، ئېتىز – ئېرىقلارنى كۆكەرتىپ، جاھاننى ياشارتىدۇ. ئەگەر ھەر بىر كىشىنى ياكى بىر مىللەتنى بىر تامچە سۇغا ئوخشاتقاندا، بىز تىل، ئۆرپ – ئادەت قاتارلىق تۈرلۈك توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بىر – بىرىمىزنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىگە سىڭىپ كىرىدىغانلا بولساق ، ئورتاق تەرەققىي قىلالايمىز. ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى دوستلار ،ئەمدى دىققىتىڭلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ئۈلگىلىك رول ئويناپ ،خىزمەت ئورنىدا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ،مىللەت ئايرىماي ھەتتا رايون ئاتلاپ قىيىنچىلىقى بار كىچىك دوستلارغا ياردىمنى ئايىماي "شىنجاڭلىق دادا"دەپ نام ئالغان ئاممىۋى قاتناش گورۇھى 2-تىجارەت بۆلىمنىڭ 310-يول شوپۇرى ئەسقەر توختىنىڭ ئىش –پائالىيتى تونۇشتۇرۇلغان "تەڭرىتاغدىن ھالقىغان مېھىر-مۇھەببەت" ماۋزۇلۇق ماقالىنى دېققىتىڭلارغا سۇندۇق. .
 بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 33 – قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيىنى كۈتىۋېلىشى ، ‹‹بىللە ياشاش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىش "بۇ قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلقنى كۈتىۋېلىشنىڭ باش تېمىسى ، ھەر مىللەت ئاھالىلىرى بىر گەۋدە بولۇپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئۆزئارا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، جاپادىمۇ – ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئورتاق گەۋدە ھاسىل قىلىپ، مەسىلىگە يولۇققاندا بىرلىكتە ھەل قىلىشى كېرەك.
 
مەن يېقىندا  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گورۇھى 2-تىجارەت بۆلىمىدىكى ئاددىغىنە بىر ئاپتوبۇس شوپۇرىنىڭ  كىشىنى ھەيران قالدۇرۇدىغان ئىش –ئىزلىرىنى ئاڭلاپ زىيارەت قىلىش مەقسىتىدە ئاپتوبۇس كالۇنىغا باردىم .
ئەسقەر توختىنى تۇنجى كۆرگىنىمدە ئۇنىڭ قورۇق باسقان ئاق سېرىق چىرايى ،ئاندا-مۇندا چىكىلىرىدە كۆرۈلگەن ئاق چاچ ئارىلاش مۇنچاق تەرلىرى ،بەدىنىگە تولىمۇ ياراشقان ئاپتوبۇس كالۇن فورمىسى ئۇنىڭغا تېخىمۇ سۈپەت قوشاتتى .ئۇ:
-ئۇكام ،سىزنى ساقلىتىپ قويدۇم .ئەتتىگەندىن باشلاپ ئىشلىگەنچە ئەمدى بىكار بولۇپ چۈشلۈك تاماق ييىشنمۇ ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن ،بۇ خىزمەتنى قىلغان ئادەم ۋاقىتنى ئۇنتۇپلا قالىدىكەن قاراڭ ،-دەپ كۈلدى .مەن ئۇنىڭ چىرايىدىن ھەم ھارغىنلىق ھەم چارچىغانلىقىنى بىلىپ تۇراتتىم .
بىلىشىمچە،ئەسقەر توختى 2011-يىلدىن باشلاپ ئاممىۋى قاتناش گورۇھى 2-تىجارەت بۆلىمگە ئىشقا چۈشكەندىن باشلاپ مەيلى رەھبەرلىرى بولسۇن مەيلى خىزمەتداشلىرى بولسۇن ھەر قايسى جەھەتتىن ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرغان .ئۇنىڭ ئېتىشىچە ،ئۇلار ئائىلىدە  ئالتە بالا بولۇپ ئىچىدە ھەممىدىن شوخ،كىچىكىدىن باشقىلارغا ياردەم ئايىمايدىغان باشقىچە بىر بالا ئىكەن ،ئۇنىڭ ئاتا –ئانىلىرىمۇ ئۇقۇمۇشلۇق كىشلەر بولۇپ ئالتە بالىغا ياخشى ئادەم بولۇش،كىشىگە ياردەم قىلىش،مېھرىبان بولۇش..قاتارلىق ئادىمىيلىك نۇقتىسى تەرەپتىن كىچىكىدىنلا تەربىينى چىڭ تۇتقان ئىكەن ،شۇنداق بولغاچقىمۇ پەرزەنتىلىرى ياردەم قىلغۇدەك ئىش بولسىلا ،قولىدىن كىلىشىچە يارەم قىلىدىكەن .
شۇنداق ،ئاتا-ئانىنىڭ ساپاسى پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولىشىنى بەلگىلەيدۇ .ئەسقەر توختىمۇ مانا 4يىل جەريانىدا ياردىمىنى ئايىماي ئازغىنە بولسمۇ "يامغۇر تامچىسى  "كەبى ساخاۋەت ئىشلىرىنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويغىنى يوق.
بۇ ئاددىي ساددا، كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدىغان بۇ كىشى تۇنجى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا راستىنلا ‹‹2015 – يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق  نەمۇنىچىسى›› قاتارلىق نۇرغۇن شەرەپكە ئېرىشكەنمىدۇ؟ دەپ قالىسىز، دەرۋەقە، بۇ ئاددىي ئىش ئورنىدا جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، كىشىلەر بىلەن ئىناق ئىجىل ئۆتۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مىلودىيەسىنى ياڭراتتى.                                            ئەمەلىيەتتە ئەسقەر توختى سىز ،مەن ئويلىغاندەك پۇل ماللىرى ئۇنچە ئېشىپ تۇرۇدىغان كىشىمۇ ئەمەس،ئۇ 30كۋادىرات مىتىرغا يەتمەيدىغان ئىجارە ئۆيدە تۇرۇپ ،5000يۈەن ئايلىق مۇئاشىنى 17بالىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا سەرپ قىلىدۇ ،بەلكىم سورىشىڭىز مۇمكىن ،ئۇنداق بولسا ئۇ يىمەمدۇ ،كىيمەمدۇ ،ياشىمامدۇ دەپ ،توغرا بۇ سوئالمۇ دەل مېنىڭ ئۇنىڭدىن سورىغان سوئالىم بولدى .ئۇ: -ئۇكام ،مەن يىلدا بىر كيىم كىيسەم -كىيمىسەم بەرىبىر ،3كىلوگرام گۆش ئالسام بىر ئاي كەڭ -كۇشادە يىتىدۇ ،قالغىنىنى 17 بالامغا بۆلۈپ ئۇلارنىڭ ئوقۇش تۇرمۇشىغا يىتىشتۈرىمەن ،ئۇلار كىچىك ،كەلگۈسى چوقۇم ياخشى بولىشى كېرەك ،بىز ئۇلارغا شارائىت يارىتىپ بەرمىسەك كىيىنلىكى يوق دىگەن گەپ ....
ئەسقەر توختىنىڭ مېنى شۇنداقلا ھەممەيلەننى ھەيران قالدىرغان يەنە بىر ئىشى ،ئۇ  2014 -يىلى 10-ئايدا شەھەر ئاتلاپ ھەتتا ئاپتونۇم رايۇن ئاتلاپ مەملىكىتىمىزنىڭ گۇاڭشى  ئۆلكىسىنىڭ گۇيلىن شەھرىدىكى بىر يېزىدىكى قىيىنچىلىقى بار لى شۈنلى ئىسىملىك 17ياشلىق قىزغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقى ھەتتا ئۆزى ئۇ قىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرۈش مەقسىتىدە ئۇ يەرگە بارغانلىق توغرىسىدىكى خەۋېرى بولدى.
شۇنداق ئەسقەر توختى لى شۈنلى تۇرۇشلۇق ئائىلىسى ،مەھەللىسى ،مەكتىپىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم جەزىملەشتۈردى ،دەرۋەقە تا ھازىرغا قەدەر ياردىمنى سۇنۇپ كەلگەن .ئۇ دائىم "خەنزۇ قىزى "بىلەن تېلفونلاشقاندا "شىنجاڭلىق دادا "دىگەن سۆزىنى ئاڭلغاندا پۈتۈن ۋۇجۇدى قايتىدىن كۈچكە كەلدى  .
ئەسقەر توختى خەنزۇ قىزى لى شۈنلىدىن سىرت يەنە ،شەھرىمىزدىكى ھەر قايسى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىيىنچىلىقى بار ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىپ كەلدى .
ئەسقەر توختى  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاش، ھەر مىللەت ئاممىسىغا چىن يۈرەكتىن غەمخورلۇق قىلىش كېرەك، دەپ قارايدۇ ھەم ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلغاندا ھېچقاچان مىللەت ئايرىمىدى ،ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن ئۇرۇق تۇققان ،دوست بۇرادەرلىرى ھەتتا رەھبەرلىرىنمۇ ھەيران قالدى .بۇ ھەقتە ئاممىۋى قاتناش گورۇھى 2-تىجارەت بۆلىمىنىڭ باش ياچىيكا شۇجىسى چېڭ شىڭشىڭ     مۇنداق دىدى : "ئەسقەر توختى بىزنىڭ ئاپتوبۇس كالونىدىكى ئۇيغۇر شوپۇرلىرىمىزنىڭ ئالدى ،ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىش-ئىزلىرى بىلەن ئەتراپىدىكى ھەر بىر كىشىنى تەسىرلەندۇردى .ئۇنىڭ خىزمەت ئىپادىسى بولسۇن ياكى باشقا مىللەت خىزمەتداشلىرى بىلەن بولسۇن ئىتتىپاقى ئىنتايىن ياخشى .چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ ،كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدۇ .ياش شوپۇرلىرىمىز ئۇچرىغان مەسىىللەر بولسۇن قىزغىنلىق بىلەن ياردەم قىلىدۇ ،ئۇلار ھەممىسى "ئەسقەر ئاكا "دەپ ھۆرمەتلەپ چاقىرىدۇ .ئۇ يەنە يېقىندا ئۆزى ھەيدەيدىغان ئاپتوبۇسىغا 600يۈەنلىك يالتىراق گىلەم ئالدى .بىرسى  مۇھىتى ياخشىلاندى يەنە بىرى يولۇچىلارغا پاكىز بولغان شارائىت يارىتىپ باردى .ئەمەلىيەتتە،ئىلغار شەخىسلەر يېنىمزداتۇرۇپتۇ ،ئۇنىڭ مۇئاشى كۆپ بولمىسىمۇ يەنە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردىمىنى ئايىماي كېلىۋاتىدۇ ،بۇ ئاڭلىماققا ئاسان ئەمما ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تەس ئىش.ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە تىگىشلىك تەرەپلەر ھەقىقەتەن كۆپ !ئەسقەت توختى  بىزنىڭ ئاپتۇبۇس كالونىدىكى ئىجابىي كۈچىمىز !  
  ئۇ ناھايىتى ئەستايىدىل بولۇپ، شىپالىق يامغۇردەك مېھرىبان. ئۇنىڭ ئېگىلمەيدىغان – سۇنمايدىغان كۈچلۈك ئىرادىسى بار. ئۇ يۇرتداشلىرىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئوقۇش قىيىنچىلىقى تارتىۋاتقان ،ئىلىمگە تەشنا بولىۋاتقان غۇنچىلارغا ياخشى شارائىت بەردى . قەلبىگە ئاممىنى پۈكتى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلارنى رازى قىلدى، مانا بۇ ئەسقەر توختىنىڭ چىن ھېسسىياتى. ئۇ ئاتىلىق مېھرىنى نامرات بالىلارغا، قېرىنداشلىق مېھرىنى ئۆي – ماكانسىز سەرگەردانلارغا، ئۇ ھاياتىدىكى مېھىر – مۇھەببىتىنى ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە بەردى. گۇمانلىق قاراشلار ئالدىدا ئۇ قىلچە دىلىغول بولمىدى، چۈنكى ئۇ مۇھەببەتنىڭ بىر چىراغ بولۇپ، باشقىلارنىڭ قەلبىنى يورۇتۇپ، ئۆز قەلبىنى ئىللىتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ‹‹ھاياتلىق مەنبەسى››. بىز بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹ھاياتلىق مەنبەسى››نى تېخىمۇ ساغلام كۈچەيتكىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
دوستلار، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش، مېھىر – مۇھەببەتلىك بولۇش خەلقىمىزنىڭ ئادىمىيلىككە قويغان مۇھىم ئۆلچەملىرىنىڭ بىرى. خەلقىمىزنىڭ ئەقىدىسىدە ئۆز بولسۇن، يات بولسۇن، تونۇيدىغانلار، تونۇمايدىغانلار بولسۇن، باشقىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش ساۋابلىق ئىشلار قاتارىدا سانىلىپ كەلگەن، قولىدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغان ئادەملەر ئەل ئارىسىدا ماختىلىپ، ئالقىشلىنىپ، ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن بېرىلگەن. ئېنىقكى، ياخشىلىق دۇنيانى ياشارتىدۇ، مېھىر – مۇھەببەت ۋۇجۇدلاردىكى توڭنى ئېرىتىپ، قەلبلەرنى ياشارتىدۇ، ئىنسانىي مېھىر – مۇھەببەتتىن يەنىلا مېھىر – مۇھەببەت تۇغۇلىدۇ، باشقىلارغا بىر دەستە گۈل سۇنساق، ئەتراپىمىز گۈلزارلىققا ئايلىنىدۇ. شۇڭا دەيمىزكى، قەلبىمىزدىكى مېھىر بۇلاقلىرى قۇرۇپ قالمىسۇن. ئىنسانىي مېھىر – مۇھەببەتتىن بارچە قەلبلەر سۆيۈنسۇن،ھەر مىللەر خەلقى  ئىللىقلىققا تولسۇن. بۇ گۈزەل دۇنيانىڭ مېھىر – مۇھەببەت بىلەن تېخىمۇ گۈزەللىشىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايلى.
 


يوللانغان ۋاقىت: 2015/10/28 7:08:24