ئېلخەت ئىشلەتكۈچى نامى: مەخپىي نومۇرى:
خەۋەر مەركىزى

بۇلاقتاغدىن ياڭرىغان نورۇز ساداسى



نورۇز بايرىمى قىش–زىمىستاننى قوغلاپ، ئاسايىشلىق يېڭى باھارنى كۈتۈۋېلىش، يېڭى يىلنىڭ يېڭىچە خۇشاللىق ئەكېلىشىنى تىلەش، يېشىللىققا پۈركەنگەن تەبىئەتنى كۈيلەش، كىشىلەرنى ئىلىم–مەرىپەتكە ئۈندەش، ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىش، ساخاۋەتلىك ۋە دىيانەتلىك بولۇش قاتارلىق ئىلغار ئىجتىمائىي مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان ئەنئەنىۋى بايرام. قىسقىسى، ئەلنىڭ تۈرلۈك ھۈنەر–كەسىپ، تېخنىكىلىرىنى نامايان قىلىدىغان، ئۆگىتىدىغان، ھەر تەرەپلىمە ئىقتىدار يېتىلدۈرىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، خەلق مەكتىپىدۇر.بۈگۈنگە كەلگەندە بىر قىسىم يەرلەردە ھەر خىل تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، بايرام تەنتەنىلىرىنى يۇقۇرى پەلەككە يەتكۈزسە، يەنە بىر قىسىم ئورۇنلاردا بايرام ئۆتكۈزۈشكە قۇربىتى يەتمەيدىغانلارغا ئىللىق قولىنى سونۇپ ئۇلار بىلەن نۇرۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزدى، يەنە بىر قىسىم رايونلارغا مىللەت ئايرىماي بىر تەرەپتىن مىللەتنىڭ مەدەنىيتىنى تونۇشتۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاشۇردى .ئەمدى مۇخبىرىمىز مۇنىرە مەخمۇتنىڭ "بۇلاقتاغدىن ياڭرىغان نورۇز ساداسى" ماۋزۇلۇق زىيارەت خاتىرسى دىققىتىڭلاردا بولسۇن .
نورۇز— ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام، ئەمگەك بايرىمى، دوستلۇق— ئىناقلىق بايرىمى، ساۋابلىق بايرىمى، ئامانلىق بايرىمى، شادلىق بايرىمى، شۇڭا بۇ بايرام قۇتلۇق بايرامدۇر.
باھارنىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەنتەنىلىك ۋە دەبدەبىلىك ئۆتكۈزىلىپ كېلىۋاتىدۇ ،يېقىندا بۇلاقتاغ رايونلۇق 1-ئىيول توقۇمچىلىق ئاھالىلەر كومېتىتىدا شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ھەر قايسى پىنسىيونىر،پارتىيە ئەزالىرى ۋە 1-ئىيول توقۇمچىلىق ئاھالىلەر كومتىتىغا قاراشلىق ھەر قايسى مىللەتلەرگە نورۇز بايرىمى پائالىيتىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى .ئۇندىن سىرت،ئاھالىلەر كومېتىتىدىكى ئىشچى –خىزمەتچىلەر ئۆزلىرى تەييارلىغان سەنئەت پائالىيتىدىن ھوزۇرلاندى .
"نورۇز"بايرىمىدا ئوينالغان ھەرخىل پائالىيەتلەر ھەمدە ئۇنىڭغا بېغىشلانغان نورۇزنامىلارنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا قىش زىمىستاننى قوغلاش،ئاسايىشلىق يېڭى باھارنى كۈتىۋېلىش،يېشىللىققا پۈركەنگەن تەبىئەتنى كۈيلەش،ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق ئىلغار ئىجتىمائىي مەزمۇنلار ئەكىس ئەتتۈرۈلدى . 
بۇ بايرام 2000 نەچچە يىللىق مۇساپىنى بېسىپ زامانىمىزغا يېتىپ كېلىپ،تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت، تەبىئەت بايرىمىغا، ئەمگەك، تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە، سەنئەت كۆرىكىگە ئايلاندى. ئۇزاق يىللىق تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن بۇ مەدەنىيەت ھادىسىسى كەلگۈسىدە يەنىلا ھاياتىي قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەنئەنىلىرى داۋاملىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا نۇرغۇن زامانىۋى مەدەنىيەت ئېڭى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەت مەزمۇنلىرى قوشۇلىدۇ. پارتىيىنىڭ سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىش چاقىرىقىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ بايرام ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىشچانلىقى، خاسلىقى ۋە رەڭگارەڭلىكى بىلەن خەلىقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى جارى قىلدۇرۇش،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
 


يوللانغان ۋاقىت: 2015/10/28 7:05:40