ئېلخەت ئىشلەتكۈچى نامى: مەخپىي نومۇرى:
خەۋەر مەركىزى

شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتىدىن كەلگەن 17 پىدائىسى چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىدە ئەلا مۇلازىمەت قىلدى.



ئىستانسىمىز خەۋىرى :
   بۇيىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىنىڭ 2-تۈركۈمدىكى پىدائىيلىرى 27-فىۋرال ئىشقا چىقتى. شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتىدىن كەلگەن 17 پىدائى چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىنىڭ ئاخىرقى 20 كۈنىدە ،يۇلۇچىلارنى تۈرلۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ ،يول يۈرىشىگە قولايلىق يارىتىدۇ.
 - 27فىۋرال ،ئۈرۈمچى جەنۇبى ۋوگزال مەكتەپكە قايتقان ئوقوغۇچىلار يۇقىرى ئىقىمىنى كۈتىۋالدى ،ئاقسۇغا ماڭغان ئوقۇغۇچى ماپىڭ  يۈك تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ ناھايىتى تەسلىكتە ۋوگزالنىڭ كىرىش ئېغىزىغا كەلگەندە ،ۋوگزال خادىملىرىغا ياردەملىشىپ تەرتىپ ساقلاۋاتقان پىدائى جاۋ مىمى دەرھال ماپىڭنىڭ يۈك تاقلىرىنى كۆتىرىپ ،كۈتۈش زالىغا ئەكىرىپ بەردى. ماپىڭ مۇنداق دىدى :"ناھايىتى تەسىرلەندىم ،ئۇلار قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ ،باشقىلارغا قولايلىق يارىتىۋاتىدۇ ،ئۇلار بىزنىڭ ئۈگىنىش ئۈلگىمىز"
  ئىلگىرى باشقىلارنىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھىرلەنگەن يولۇچىدىن ھازىرقى باشقىلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەۋاتقان پىدائىيغا ئايلانغان جاۋ مىمى بىلەن خواڭ شىياۋ پىڭ بۇ جەرياندا نۇرغۇن ھاسىلاتقا ئىگە بولدى ،خواڭ شىياۋپىڭ مۇنداق دىدى:"بۇ يىل ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرىمەن ،باشقىلارغا ياردەم بېرىش كۆڭۈللۈك ئىش ،پىدائىيلىق خىزمىتى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ،باشقىلار بىلەن كۆپرەك ئالاقىدا بولغىلى بولىدۇ".
  بۇيىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى 15-مارت ئاخىرلىشىدۇ ،17 پىدائى بۇ مەزگىلدە ،ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7دىن كەچ سائەت 7يىرىمغىچە ،يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ ،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتى چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى پىدائىي يىتەكچىسى ۋاڭ پىڭ يۈ مۇنداق دىدى:"مەكتىۋىمىزدىن كەلگەن پىدائىيلار ۋوگزالدا ،يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ ،ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىدۇ .چاغان دىمەك باھار كەلدى دىمەكتۇر ،كىشىلەر قەلبىنىمۇ باھاردەك ئىللىتىمىز".
 


يوللانغان ۋاقىت: 2015/10/28 1:09:28