ئېلخەت ئىشلەتكۈچى نامى: مەخپىي نومۇرى:
خەۋەر مەركىزى

تۇنجى نۆۋەتلىك «داچىڭ» لوڭقىسىنى تالىشىش ياش ئادۋۇكاتلارنىڭ تەقلىدىي سوت مۇسابىقىسىنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى دەسلەپكى مۇسابىقىسى شەھرىمىزدە باشلاندى


       18-ئاپىرىل تۇنجى نۆۋەتلىك «داچىڭ» لوڭقىسىنى تالىشىش ياش ئادۋۇكاتلارنىڭ تەقلىدىي سوت مۇسابىقىسىنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى دەسلەپكى مۇسابىقىسى شەھرىمىزدە باشلاندى.
 تەقلىدىي سوتتا، ئۈرۈمچى، شىنىڭ، شىئەن، يىنچۈەندىن كەلگەن ياش ئادۋۇكاتلار كەسكىن رىقابەتلەشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، جىنايى ئىشلار گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقىدىكى مۇنازىرە ئېلىپ بارغان دىلوسى-- ھەقىقىي يۈز بەرگەن دىلودىن ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، جاۋاپكار تېلېفوندا مال سېتىش ئارقىلىق، خېرىدارغا قاشتېشى بۇيۇملىرى، داڭلىق رەسىم قاتارلىق ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىنى ساتقانىدى. دىلو سوممىسى بىر مىليون 700 مىڭ يۈەنگە يەتكەنىدى. يىنچۈەن ۋە ئۈرۈمچىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئەرز قىلغۇچى تەرەپ ۋە ئاقلىغۇچى تەرەپ سۈپىتىدە، جاۋاپكارنىڭ تىجارەت داۋامىدا ئالدامچىلىق قىلغان- قىلمىغانلىقى، قانداق جازا بېرىش توغرىسىدا بەس- مۇنازىرە ئېلىپ باردى. ئاخىرىدا داچىڭ ئادۋۇكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنى يىنچۈەن شۆبىسى غەلبە قىلدى. مۇسابىقىگە قاتناشقان ئادۋۇكاتلار دېدى: بۇ قېتىمقى سوتتا قاراپ چىقىش ئارقىلىق، جىنايى ئىشلار بويىچە ئاقلاشنىڭ ناھايىتى مەنىلىك بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇق. بىرىنچىدىن، جىنايى ئىشلار دىلولىرىغا بولغان چۈشەنچىمىز ئاشتى. ئىككىنچىدىن، بۇ كەسپكە بولغان ئىشەنچىمىز ئاشتى. بۇ قېتىمقى تەقلىدىي سوت مۇسابىقىسىدە، نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەرگە ئېرىشتۇق.
     ئىگىلىنىشىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك «داچىڭ» لوڭقىسىنى تالىشىش ياش ئادۋۇكاتلارنىڭ تەقلىدىي سوت مۇسابىقىسى شەرقىي شىمال، شەرقىي جۇڭگو، غەربىي شىمال قاتارلىق 7 رايون بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، 32 ۋەكىللەر كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن. مۇسابىقىگە قاتناشقان ئادۋۇكاتلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 40 ياشتىن تۆۋەن بولۇپ، جىنايى ئىشلار ۋە ھەق- تەلەپ ئىشلىرى قاتارلىق ئىككى تۈر بويىچە مۇسابىقىلىشىدىكەن. شەھەرلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۈيمىن مۇنداق دېدى:- بۇ، ياش ئادۋۇكاتلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، مۇسابىقە قائىدىسىنى ئىگىلەپلا قالماي، ئەمەلىي مەشغۇلاتقا پىشىدۇ. ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ خىل مۇسابىقىلەرنى كېڭەيتىپ، مۇشۇ خىلدىكى تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشقا تىرىشىمىز.


يوللانغان ۋاقىت: 2015/4/21 11:46:27