ئېلخەت ئىشلەتكۈچى نامى: مەخپىي نومۇرى:
خەۋەر مەركىزى

سۇ ئۈستى باغچىسىدىكى چوڭ تىپتىكى ئۇيۇنچۇقلار نۆۋەتتە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىردى، 20-ئاپرىل شەھەر ئاھالىلىرىغا ئېچىۋېتىلىدۇ


     سۇ ئۈستى باغچىسى ئۇيۇنچۇقلارغا بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئاپتونۇم رايونلۇق ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇيۇنچۇق ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن باغچا تېخنىك خادىملىرى ئۈسكۈنىلەرنى ئوموميۈزلۈك تەكشۈرىۋېتىپتۇ، باغچا مەسئۇلى ۋېي شىنگاڭ مۇنداق دىدى:« زاۋۇت خادىملىرى كېلىپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ زاپچاسلىرىنى تەكشۈردى، چوڭ مەسىلە يوق، ئۈسكۈنىلەرنى مايلاشقا 3~4 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ».
    ھاۋارايى سەۋەبىدىن، بۇيىل سۇ ئۈستى باغچىسىنىڭ تىجارەت باشلاش ۋاقتى 20-ئاپرىلغا سۈرۈلگەن، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باغچىنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرىنى مەشىقلەندۈرۈش خىزمىتىمۇ قانات يايدۇرۇلغان. سۇ ئۈستى باغچىسىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى رەشىدە نىياز مۇنداق دىدى:«ئاپتونۇم رايونلۇق ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش ئورنى مۇشۇ ھەپتە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ بولىدۇ، بىخەتەرلىك دوكلاتى چىققاندىن كېيىن، خېرىدارلارمۇ خاتىرجەم بولىدۇ، 20-ئاپرىل تىجارەت باشلاشنى پىلانلىدۇق.»


يوللانغان ۋاقىت: 2015/4/16 18:40:53