ئېلخەت ئىشلەتكۈچى نامى: مەخپىي نومۇرى:
خەۋەر مەركىزى

13-ئاپرېل شەھىرىمىزدە ئەتىياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تىمپىراتۇرا كۆرۈلدى


مېتورولوگىيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،شەرقى جەنۇپ شامىلىنىڭ تەسىرىدە ،13 -ئاپرىل ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 15 گىچە شەھرىمىزدە ئەڭ يۇقىرى تىمپىراتۇرا 26.8 سىلتىسىيە گىرادۇسقا ئورلەپ، بۇ يىل ئەتىياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تىمپىراتۇرا كۆرۈلۈپ ، ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يۇقىرى بولغان .
  شەرقى جەنۇپ شامىلى توختىغاندىن كىيىن ،شەھرىمىز غەرىپ ۋە غەربى شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن . 15 -ئاپىرىل كەچتىن 16 -ئاپىرىلغىچە شەھرىمىزدە يامغۇر يېغىپ ،تىمپىراتۇرا 6 سىلتىسىيە گىرادۇسقا ؛16 -ئاپىرىل ئەڭ تۆۋەن تىمپىراتۇرا 4 سىلتىىسيە گىرادۇستقا تۆۋەنلەيدىكەن . سۇغۇق ھاۋا ئىقىمى 17 -ئاپىرىل كۈندۈزگىچە داۋاملىشىدىكەن .17 -ئاپىرىلدىن كىيىن تىمپىراتۇرا تەدرىجى ئۆرلەپ، 20 سىلتىسىيە گىرادۇسقا چىقىدىكەن .


يوللانغان ۋاقىت: 2015/4/14 16:22:53