ئېلخەت ئىشلەتكۈچى نامى: مەخپىي نومۇرى:
خەۋەر مەركىزى

شىنجاڭلىق ئۇيغۇر ياش ئېرپان يارمۇھەممەد رىژىسورلىقىدىكى كارتون فىلىم كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى


     5-فېۋرال دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنۋېرستېتى، ھوللىۋۇد ئاسپىرانت ئىنىستىتوتى، دىگىتال ھوللىۋۇد كەسپىى مەكتىۋى ۋە ياپونىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن دىگىتال مەزمۇنلۇق ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا،شىنجاڭلىق ئۇيغۇر ياش ئېرپان يارمۇھەممەد رىژىسورلىقىدا، ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن « ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنىخان »، « ھايات مىلودىيىسى » ناملىق ئىككى كارتون فىلىم ياپونىيە بويىچە قاتناشتۇرۇلغان 600 كارتون فىلىم ئىچىدىن تاللانغان 20 فىلىم ئىچىگە كىرگەندىن سىرت، بۇ يىللىق « ئەڭ ياخشى كارتون فىلىم » مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
     « ئەڭ ياخشى كارتون فىلىم » مۇكاپاتى ياپونىيەدە كارتون فىلىم، ئۈچ ئۆلچەملىك كومپىيوتېر گرافىكى، ئېنتېرنىت لايھىيىسى ۋە تەكشىلىك لايىھىسى تۈرلىرى  ئىچىدە كۆلىمى چوڭ ۋە 20 يىلدىن بۇيان تارقىتىلىپ  كېلىۋاتقان كاتتا مۇكاپات ھىساپلىنىدۇ.


يوللانغان ۋاقىت: 2015/4/9 12:35:21