ئېلخەت ئىشلەتكۈچى نامى: مەخپىي نومۇرى:
خەۋەر مەركىزى

ئاپرېل ئېيىدا شەھىرىمىزدە 2015-يىللىق ئۈرۈمچى ئەتىيازلىق ئۆي مۈلۈك سودا يەرمەنكىسى ئېچىلىدۇ


      شەھرىمىزدە 31-مارت 2015-يىللىق ئۈرۈمچى ئەتىيازلىق ئۆي مۈلۈك سودا يەرمەنكىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يەرمەنكىنىڭ 14-مايدىن 17-مايغىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھازىرغىچە 30 غا يېقىن كارخانا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى.
  شەھەرلىك ئۆي مۈلۈك جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باش كاتىپ، شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتىتى كەسىپ باشقۇرۇش بۆلىمىنىڭ باشلىقى پەن چۈەنجۈن مۇنداق دېدى:«بۇقېتىم يەرمەكىگە قاتناشقان كارخانىلار ئىچىدە مەملىكىتىمىزدىكى داڭلىق كارخانىلار ھەمدە جەمىئىيەتتىن تاللانغان كارخانىلار قاتنىشىدۇ. يەرمەنكە ئۆي مۈلۈك كۆرگەزمە قىلىش،  سىياسەت قانۇن بەلگىلىمىلەرنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇندىن باشقا يەرمەنكىدە قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز ».
     بۇ قېتىمقى يەرمەنكە شەھەرلىك خەلق ھۆكىمىتىنىڭ  قوللىشىغا ئېرىشكەن ، كۆپ تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلەر يولغا قويۇلغان. پەن چۈەنجۈن مۇنداق دېدى:«يەرمەنكە مەزگىلىدە،  تاۋار ئۆي سېتىۋالغۇچىلار يەر خېتى بېجى تولۇقلىما سوممىسىغا ئېرىشىدۇ، سودىلىشىش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىپ، مالىيەدىن تولۇقلىما  بېرىلىپ، نەق مەيداندا ئالاقىدار تارماقلار تەرىپىدىن نەقلەشتۈرۈلىدۇ ».
    بۇيىل 1-،2-ئايدا ، شەھرىمىزدە 4147 يۈرۈش تاۋار ئۆي سېتىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 11.81 پىرسەنت ئاشقان. شەھرىمىز ئاھالىلىرىنىڭ تاۋار ئۆي سېتىۋىلىش مىقدارى ئومۇمى ئۆي سېتىۋالغانلارنىڭ 77.13 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن.4151 يۈرۈش  نىمكەش ئۆي سېتىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 21.81 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. تاۋار ئۆيلەرنىڭ ھەر كۇۋادىرات مېتىرى تەخمىنەن 6363 يۈەندىن سېتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8.11 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.


يوللانغان ۋاقىت: 2015/4/1 17:20:46