ئېلخەت ئىشلەتكۈچى نامى: مەخپىي نومۇرى:
خەۋەر مەركىزى

2015-يىللىق قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى ئىنىرگىيىنى تېجەپ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى


      بۇيىل شەھرىمىز ئىنىرگىيە تېجەش تىپىدىكى ئىمارەت  ئۆلچىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىرگە  لاھىيە، قۇرۇلۇش، ئۆتكۈزۋېلىش ئۆلچىمى ۋە  تەكشۈرۈش ھالقىسىنى چىڭ تۇتۇپ،ئېنىرگىيە تېجەش تىپىدىكى ئىمارەت ئۆلچىمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشقا  كاپالەتلىك قىلىدۇ.
      بۇيىل 1-يانۋاردىن باشلاپ، شەھرىمىزدە يېڭىدىن سېلىندىغان ئاھالىلەر تۇرالغۇ ئىمارەتلىرىدە 75پىرسەنت ئىنىرگىيە تىجەش ئۆلچىمى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنغان. مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى فەن شىنخېنىڭ تونۇشتۇرشىچە :بۇيىل شەھرىمىزدە پار بىلەن تەمىنلەش كارخانلىرى ئاساس قىلىنغان 150 كۇۋادىرات مېتىر كۆلەمدە ئۇنىۋېرسال ئىنىرگىيە تىجەشكە ئۆزگەرتىش تۈرى يولغا قويۇلدىكەن.
      ئىگىلىنىشچە، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە شەھرىمىزدە سېلىنغان ئىنىرگىيە تىجەش تىپىدىكى ئىمارەت ئومومىي كۆلىمى تەخمىنەن 102 مىليون كۇۋادىرات مېتىرغا يېتىپ، ئومۇمى ئىمارەت كۆلىمىنىڭ 58.29 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. شەھەرلىك پارتكوم دائىمى كومىتىتىنىڭ ئەزاسى ، دائىمى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لى خۇڭبىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇيىل شەھەرىمىز شەھەر باشقۇرۇش خىزمىتىدە ئىنىرگىيە تىجەپ بۇلغانما قويۇپ بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەخلەت ۋە پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل قاتناش ۋە تۆۋەن كاربونلۇق كەسپلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش سەرپىياتىنى 15 پىرسەنتتىن ئارتۇق تۆۋەنلىتىشىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.    


يوللانغان ۋاقىت: 2015/4/1 17:13:47