ئېلخەت ئىشلەتكۈچى نامى: مەخپىي نومۇرى:
خەۋەر مەركىزى

مارت ئېيىدا شەھىرىمىز ھاۋارايى تۇراقسىز بولدى


  مارت ئېيىدا شەھرىمىز تىمپىراتۇراسى تۇراقسىز بولدى .شەھەرلىك مېتولوروگىيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،بۇ قېتىمقى بىرنەچچە كۈنلۈك سۇغۇق ھاۋارايىدىن كىيىن شەھرىمىزدە شەرقى جەنۇپ شامىلى چىقىپ ئەڭ يۇقىرى تىمپىراتۇرا 16 سىلتىسىيە گىرادۇسقا ئۆرلەيدىكەن ،لىكىن ھەپتە ئاخىرىدا تىمپىراتۇرا 0 سىلتىسىيە گىرادۇسقا چۈشىدىكەن .
  شەھەرلىكى مېتولوروگىيە ئىستانسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جىيەن مۇنداق دىدى:«27 -مارت چوڭ كۆل ،ئۇلانباي ،1-ئاۋغۇسىت پولات -تۆمۈر شىركىتى ،قىبلىتاغ بۆلەكلىرىدە شەرقى جەنۇپ شامىلى چىقىپ،شەھەر رايونلىرىدا 4 بالغا يېتىدۇ ،27 -مارت شەھەر رايونلىرىنىڭ تىمپىراتۇرىسى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەيدۇ ،ئەڭ يۇقىرى تىمپىراتۇرا 16 سىلتىسىيە گىرادۇسقا چىقىدۇ ».
  شەھرىمىزدە تېمپىراتۇرا بىر ئۆرلەپ ئارقىدىنلا سۇغۇق ھاۋا ئېقىمى ھۇجۇم قىلىدىكەن ،29 -مارت كىچىدىن 1-ئاپىرىلغىچە يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن .ۋاڭ جىيەن مۇنداق دىدى:«سۇغۇق ھاۋا تەسىرىدە ،29 -مارت كىچىدىن 1-ئاپىرىلغىچە،شەھرىمىزدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا قار ئارىلاش يامغۇر يىغىپ ،تىمپىراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ ،بۇ مەزگىلدە ،شەھرىمىزدىكى ھەر قايسى رايونلارنىڭ تىمپىراتۇرىسى ئىلگىركى يىللارنىڭكىدىن تۆۋەنرەك بولىدۇ.»
  كەلگۈسى نەچچە كۈندە شەھرىمىز تىمپىراتۇرىسى تۇراقسىز بولىدۇ ،27 -مارت تۆۋەن تىمپىراتۇرا 2 سىلتىسىيە گىرادۇس ،يۇقىرى تىمپىراتۇرا 16 سىلتىسى گىرادۇس بولىدۇ ،28 -مارت شەھەر رايۇنلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تىمپىراتۇرىسى 12 سىلتىسىيە گىرادۇس ،ئەڭ تۆۋەن تىمپىراتۇرا 3 سىلتىسىيە گىرادۇس بولىدۇ .29 -مارت كەچتىن باشلاپ تىمپىراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ .


يوللانغان ۋاقىت: 2015/3/27 16:10:28