ئېلخەت ئىشلەتكۈچى نامى: مەخپىي نومۇرى:
خەۋەر مەركىزى

سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى


     ئۆزمۇخبىرىمىزنىڭ شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشچە، بۇ يىل شەھىرىمىزدە  120 مىليون كۇپ مېتىردىن 150 مىليون كۇپ مېتىرغىچە سۇ  كەمچىل بۇلىدىكەن.
     شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى سۇ مەنبەسى باشقارمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ تۇنۇشتۇرىشچە، شەھىرىمىزدىكى دىھقانچىلىق تېرىلغۇ كۆلىمى تەخمىنەن 750 مىڭ مو بولۇپ، بۇ يىل سۇ ئىشلىتىش بېسىق مەزگىلدە سۇ بىلەن يېتەرلىك تەمنىلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دەسلەپكى قەدەمدە ئۈرۈمچى ناھيىسى ۋە داۋانچىڭ رايونىدىكى 70مىڭ تېرىلغۇ يەردە « سۇ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ سۇ تىجەش»نى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن.
     2010-يىلدىن بۇيان، شەھىرىمىزدە تۇرمۇشتا ئىشىلتىلىدىغان سۇ مىقدارى ھەريىلى 5 پىرسەنىتدىن 8 پىرسەنىت كىچە سۈرەتتە ئاشقان. بۇلتۇر، شەھىرىمىزدە بىر كۈندە ئەڭ كۆپ سۇ ئىشىلىتىش مىقدارى 11 مىليون كۇپ مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، ئومۇمي سۇ ئىشىلتىش مىقدارى  ئەڭ كۆپ بىر يىل ھېسابلىنىدىكەن.


يوللانغان ۋاقىت: 2015/3/26 12:22:30