ئېلخەت ئىشلەتكۈچى نامى: مەخپىي نومۇرى:
خەۋەر مەركىزى

شىنجاڭ يىپەك يولى ئاياللار-بالىلارنى قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتى شەھىرىمىزدە قۇرۇلدى


      شىنجاڭ يىپەك يولى ئاياللار-بالىلارنى قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتى تۈنۈگۈن شەھىرىمىزدە قۇرۇلدى. مەزكۇر جەمئىيەت بىر قىسىم كارخانىلار ۋە پىدائىيلارنىڭ سەپەرۋەرلىكىدە قۇرۇلغان غەيرىي ئاشكارا فوندى جەمئىيەت بولۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاياللار ۋە بالىلارغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان.
     نۆۋەتتە فوندى جەمئىيەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چەت-ياقا رايونلىرىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش مەقسەت قىلىنغان«ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتى»؛ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالغان قىز ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەقسەت قىلىنغان« گۈل بەرگى ھەرىكىتى»؛ بېكىنىۋېلىش كېسىلىگە گىرىپدار بولغان بالىلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان«قۇياش نۇرى ھەرىكىتى»دىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىلىق تۈرنى تەسىس قىلغان.
     شىنجاڭ يىپەك يولى ئاياللار-بالىلارنى قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتى بۇ يىل ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن قاتارلىق جايلاردا «ئاياللار ساغلاملىقىغا ئېتىبار بېرىش تۈرى بويىچە بالىياتقۇ بوينى راكى، سۈت بېزى راكى»كېسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈش پاراۋانلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.


يوللانغان ۋاقىت: 2015/3/26 12:19:14