ئېلخەت ئىشلەتكۈچى نامى: مەخپىي نومۇرى:
خەۋەر مەركىزى

شەھىرىمىز ئەتىياز كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى يامغۇرنى كۈتىۋالىدۇ


       سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، 25 -مارت كېچىدە شەھرىمىزدە يامغۇر ياغىدۇ ، بۇ ئەتىياز كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى يامغۇر ھىسابلىنىدۇ .
       23- ،24 -مارت كۈنلىرى شەھرىمىزنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا 6 بال شەرقى جەنۇپ شامىلى چىقىپ يۇقىرى تىمپىراتۇرا 20 سېلىسىيە گىرادۇسقا ئۆرلىدى . 24 -مارت كەچ ،25 -مارت ئەتىگەندە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ،شەھرىمىزدە يامغۇر ياغىدۇ ،تىمپىراتۇرا 10 سېلىسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ ،25 -مارت ئەتىگەندە تۆۋەن تىمپىراتۇرا بەش سېلىسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ ،تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇرھال قار يىغىشى مۆلچەرلەندى .
       كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ،شەھرىمىز تىمپىراتۇرىسى تۇراقسىز بولىدۇ. شەھەرلىك مىتورولوگىيە ئىستانسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جىيەن مۇنداق دىدى:«25 -مارت ،ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ،يۇقىرى تىمپىراتۇرا 10 سېلىسىيە گىرادۇس ،تۆۋەن تىمپىراتۇرا بەش سېلسيە گىرادۇس بولىدۇ ،26 -مارت ھاۋا ئېچىلىپ تۆۋەن تىمپىراتۇرا ئىككى سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ» .


يوللانغان ۋاقىت: 2015/3/25 17:28:14