ئېلخەت ئىشلەتكۈچى نامى: مەخپىي نومۇرى:
خەۋەر مەركىزى

شەھىرىمىز 2015-يىللىق ئېلىكتىر ئەسلىھەلىرىنى قوغداش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى


    شەھىرىمىز  2015-يىللىق ئېلىكتىر ئەسلىھەلىرىنى قوغداش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى.
    ئۆتكەن بىر يىلدا، شەھىرىمىزدە 133 قېتىم  ئېلىكتىر ئەسلىھەلىرىنى ئوغۇرلاش، بۇزۇش دېلوسى يۈز بېرىپ، 2مىليون630مىڭ يۈەنلىك ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىققان. دېلو يۈز بېرىش نىسبىتى 2013-يىلىدىكىدىن %16.7ئاشقان، ئىقتىسادىي زىيان %3 ئازايغان. جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگانلىرى 17 پارچە ئوغۇرلۇق دېلوسىنى پاش قىلىپ، 11 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن. 125 پارچە توك ئوغۇرلاش دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىپ، 2مىليون50مىڭ كىلوۋات سائەت توكنى قايتۇرىۋالغان، قايتۇرىۋېلىنغان توك ۋە توختامغا خىلاپ سومما 3مىليون30مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
    ئىگىلىنىشىچە، شىركەت بۇ يىل شەھەرلىك سىياسىي قانۇن كومېتىتى ئۇنۋېرسال باشقۇرۇش ئىشخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئېلىكتىر ئەسلىھەلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى ھەر قايسى مەھەللىلەرنىڭ تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش خىزمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئاممىنى ئېلىكتىر ئەسلىھەلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىدىكەن.


يوللانغان ۋاقىت: 2015/3/18 12:29:57