ئېلخەت ئىشلەتكۈچى نامى: مەخپىي نومۇرى:
خەۋەر مەركىزى

شەھىرىمىزنىڭ 2-نۆۋەتلىك «ئەخلاق نەمۇنىچىسى »،«پەزىلەتلىك ئۆسمۈر »لەرنى تەقدىرلەش مۇراسىمى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى


   شەھىرىمىزنىڭ 2-نۆۋەتلىك «ئەخلاق نەمۇنىچىسى »،«پەزىلەتلىك ئۆسمۈر »لەرنى تەقدىرلەش مۇراسىمى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى .ئاساسى قاتلام،مەكتەپلەردىن كەلگەن 32 ئەخلاق نەمۇنىچىسى ۋە 20 پەزىلەتلىك ئۆسمۈر تەقدىرلەندى .
   ئىككى سائەت داۋاملاشقان تەقدىرلەش مۇراسىمىدا ،ئۇنسۇرلار بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشقان مەھەللە كادىرى شىياڭ خۇڭجى ،17 يىللىق خىزمەت جەريانىدا ھېچقانداق خاتالىق سادىر قىلمىغان پوچتىكەش ما جىيەنشىن قاتارلىقلارنىڭ ئىش ئىزلىرى يىغىن قاتناشچىلىرىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى جۇاڭ شىخوا مۇنداق دېدى:«ئۇلار ئاساسى قاتلامدىكى ئاددى ئىش ئورۇنلىرىدا ئەمەلى ھەرىكىتى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك يادرو قىممەت قارىشىنى نامايان قىلدى ، ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن چوڭقۇر تەربىيە ئالدىم .»
   شەھىرىمىزنىڭ 2-نۆۋەتلىك «ئەخلاق نەمۇنىچىسى »،«پەزىلەتلىك ئۆسمۈر »لەرنى باھالاش خىزمىتى ئۆتكەن يىلى مايدا باشلانغاندىن بۇيان ،جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىغا مۇيەسسەر بولدى،ئىككى مىليون پارچە ئۈنۈملۈك بىلەت ئارقىلىق ، 32ئەخلاق نەمۇنىچىسى ۋە 20 پەزىلەتلىك ئۆسمۈر تاللاپ چىقىلدى .ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ دىكتورى زۇ لىخۇڭ ئۇدا 10يىل مەدەنىيەت ئارقىلىق مېيىپلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ ،ئەمالار ئۈچۈن ئاۋازلىق كىتاب ئىشلىگەن ،ئۇ كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان پەزىلىتى بىلەن ئەخلاق نەمۇنىچىسى شەرىپىگە ئېرىشتى ،ئۇمۇنداق دېدى:«ئەمالار  كىتابلارنى ئاڭلاش ئارقىلىق نۇرغۇن بىلىملەرگە ئېرىشەلەيدۇ ،ئۇلارنى بۇ خۇشاللىقتىن بەھرىمەن قىلالىغىنىمغا خوشالمەن .»
   شەھەرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما جۇڭفۇ مۇنداق دېدى:«بۇنىڭدىن كىيىن بۇ خىل  پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ ،ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بۇخىل روھىنى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرىمىز .»
   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ،ئۈرۈمچى سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ،شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇخەيلۇن ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە پەزىلەتلىك ئۆسمۈرلەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە شەھەر ئاھالىلىرىنى ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە چاقىردى . جۇ خەيلۇن مۇنداق دېدى:«ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە پەزىلەتلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىش ئىزلىرى سوتسىيالىستىك يادرو قىممەت قارىشىنى ،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى تولۇق نامايان قىلدى ،شەرەپكە ئېرىشكەن ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە پەزىلەتلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ نەتىجىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ ،،جەمئىيەتتە ياخشى تەسىر قوزغاپ،گۈللەنگەن ،دېموكراتىك ،مەدەنىيەتلىك ،ئىناق دۆلەت قۇرۇشقا پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .»


يوللانغان ۋاقىت: 2015/3/18 11:47:52