ئېلخەت ئىشلەتكۈچى نامى: مەخپىي نومۇرى:
خەۋەر مەركىزى

ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى تەييارلىق خىزمىتى


   مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكى تىياتىر، ناخشا-ئۇسۇل، دىرامما قاتارلىق  تۈرلۈك كونسېرتلارنى تەييارلاپ، شەھىرىمىزنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى زور ئۆزگىرىشلىرىنى نامايان قىلىدىكەن.
   شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكى  «تەڭرىتاغقا مەدھىيە» ناملىق سەھنە ئەسىرىنى تەييارلاشنى پىلانلىغان ،بۇ سەھنە ئەسىرىدە دەۋر خاراكتېرلىك كىلاسسىك ناخشا، مۇزىكا ۋە مىللىيچە ئۇسۇللار ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،  «تەڭرىتاغ ساداسى»ناملىق چوڭ تىپتىكى سىمفونىيە كېچىلىكىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىمۇ باشلانغان. بۇ يىل شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكى يەنە قوش تىللىق ئۆسمۈرلەر تىياتىرى تەييارلاپ، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى خۇدابەردى ئىمىننىڭ 19 يىلدىن بۇيان ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىش-ئىزلىرىنى سەھنىلەشتۈرىدىكەن. بۇ يىل ئاۋغۇستتا شەھەرلىك سەنئەت ئىجادىيەت تەتقىقات مەركىزى پايتەخت كۇتۇپخانىسى بىلەن «يىپەك يولى ئىزناسى-- ئۈرۈمچى روھى»تېمىسىدا فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، شەھىرىمىزنىڭ 60 يىل مابەينىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن.  


يوللانغان ۋاقىت: 2015/3/16 16:16:28