ئېلخەت ئىشلەتكۈچى نامى: مەخپىي نومۇرى:
خەۋەر مەركىزى

4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك شەھەرلەرنى باھالاش نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىندى،


    4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك شەھەرلەرنى باھالاش نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىندى، شەھىرىمىز نامزات شەھەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ شەرەپ شەھىرىمىزنىڭ 2017-يىلى «مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك شەھەر» نىشانىغا يېتىشكە بىر قەدەم قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
    مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى 2011-يىلى مارتتا مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك شەھەر بەرپا قىلىش مۇھىم قارارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
    ئىگىلىنىشىچە، «مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك شەھەر» شەھەرنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئۇنىۋېرسال شەرەپ نامى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شەھەرلەرنى ئۇنىۋېرىسال تۈرلەر بويىچە باھالاشتىكى ئەڭ ئالىي شەرەپ ھېسابلىنىدىكەن. مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك شەھەرنى تاللاش ئۆلچىمى جەمئىيەت ئامانلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.  


يوللانغان ۋاقىت: 2015/3/9 12:12:33