ئېلخەت ئىشلەتكۈچى نامى: مەخپىي نومۇرى:
خەۋەر مەركىزى

شەھەرلىك رادىيو كىنو تېلىۋىزىيە ئىدارىسى 8-مارت خانىم-قىزلار بايرىمىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزدى


شەھەرلىك رادىيو كىنو تېلىۋىزىيە ئىدارىسى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن پىيادە مېڭىش پائاليىتى ئۇيۇشتۇرۇپ،8-مارت خانىم-قىزلارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
رادىيو كىنو تېلىۋىزىيە سېستىمىسىدىكى خانىم-قىزلار خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەپ، شەھرىمىزنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلدى. شەھرىمىزدە قانات يايدۇرۇلغان تۈرلۈك پائاليەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ  ئاۋانگارتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. بۇنىڭ بىلەن ھەر يىلى شەھرىمىز بويىچە خىزمەت ئورنىدا تۆھپە كۆرسەتكەن ئايال تۆھپىكارلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى.
 شەھەرلىك رادىيو كىنو تېلىۋىزىيە ئىدارىسى ھەر يىلى 8-مارت خانىم-قىزلار بايرىمى ھارپىسىدا تۈرلۈك مەزمۇندىكى پائاليەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خانىم-قىزلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بىيىتىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.


يوللانغان ۋاقىت: 2015/3/6 16:46:58