ئېلخەت ئىشلەتكۈچى نامى: مەخپىي نومۇرى:
خەۋەر مەركىزى

ئەمىن ئۆي


   مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل 24 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يەنە 300 مىڭ يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىشنى پىلانلىغان. شۇنداق بولغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە سالغان ئەمىن ئۆي 1 مىليون 500 مىڭ يۈرۈشتىن ئاشىدىكەن.
    ئاپتونوم رايونىمىز 2010 - يىلىدىن بۇيان ‹‹ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش›› قۇرۇلۇشىنى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى سان - سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ تاماملىدى. 2014 - يىلىنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئەمىن ئۆيدىن 300 مىڭ يۈرۈش سېلىش ۋەزىپىسىنى بېكىتكەنىدى، 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ تۈرگە جەمئىي 24 مىليارد 344 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 313 مىڭ 900 يۈرۈش ئۆي قۇرۇلۇشىنى  باشلاپ، 307 مىڭ 800 يۈرۈش ئۆينى پۈتكۈزۈپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى.
    ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى لاياقەتلىك بولۇپ، 2011 - يىلىدىن 2013 - يىلىغىچە يۈز بەرگەن بەش بالدىن يۇقىرى 20 قېتىملىق يەر تەۋرەشتە بۇ ئۆيلەردىن بىرىمۇ بۇزۇلمىدى.
    ئاپتونوم رايونىمىز بۇنىڭدىن كېيىن جايلارنىڭ يېزا پىلانىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ۋە ئىجرا قىلىشىغا يېقىندىن ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ‹‹ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش›› قۇرۇلۇشىنى ئلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنئەنىۋى يېزا، كەنت ۋە ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يېزىلارنىڭ ئەسلىي قىياپىتى ئاساسىدا ياخشىلاپ، يەرلىك خاسلىق، مىللىي ئۆرپ - ئادەت ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.


يوللانغان ۋاقىت: 2015/1/8 17:09:41